تىرامپنىڭ ھەيكىلى ياپونىيەدە ئەڭ بازارلىق مالغا ئايلاندى

مەنبە: يەرشارى تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-10 17:52:56

يەر شارى تورى 10-نويابر خەۋىرى: باغداش تورى تەرجىمىسى

ياپونىيە قۇياش ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سىياسىيونلار ۋە داڭلىق كىشىلەرنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ ساتىدىغان ياپونىيەنىڭ سائىتاما شەھىرىدىكى «شياۋچۈەن خىزمەتخانىسى» يېقىندا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان ترامپنىڭ ھەيكىلىنى ياساشقا كىرىشكەن.

ترامپنىڭ ئاچچىقلىنىپ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان ھالىتىگە تەقلىد قىلىنغان ھەيكەللەر 2400 يىندىن سېتىلغان. بۇ خىل مەھسۇلات 5-ئايدىن باشلاپ ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 9-ئايغىچە ئۇلار جەمئىي 1867 دانە ھەيكەلنى سېتىپ چىقارغان، ئەمما سېتىلىش مىقدارى باھاسى ئوخشاش بولغان ھىلارىنىڭ ھەيكىلىنىڭ سېتىلىش مىقدارىدىن 1.5 ھەسسە يۇقىرى بولغان. كەسپىي زاتلارنىڭ قارىشىچە، ھەيكەللەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى شۇ كىشىلەرنىڭ خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە شۇ كىشىنىڭ ئوبرازى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有