كورېيە پارلامېنتى چاۋشيەننىڭ يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

مەنبە: uycnr

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2016-02-11 16:49:09

كورېيە پارلامېنتى 10-فېۋرال جىددىي ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، 243 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 5 ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشتەك نەتىجە بىلەن قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، چاۋشيەننىڭ يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

قارار لايىھەسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: چاۋشيەن 4-قېتىم يادرو سىنىقى قىلغاندىن كېيىن، يەنە زورلۇق بىلەن يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارار لايىھەسىگە خىلاپلىق قىلدى، بۇ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكىگە قىلىنغان خىرىس. شۇڭا پارلامېنت بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

قارار لايىھەسىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: چاۋشيەننىڭ قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى چاۋشيەننى خەلقئارا جەمئىيەتتە تېخىمۇ يېتىپ قالدۇرىدۇ خالاس، كورېيە پارلامېنتى چاۋشيەننى ئىغۋاگەرچىلىكنى توختىتىپ، يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، مەسئۇلىيەتچان بىر ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتكە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有