كورېيە بىلەن ئامېرىكا ساد سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلماقچى

مەنبە: uycnr

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2016-02-08 12:09:25

كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: كورېيە بىلەن ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ 4-قېتىملىق يادرو سىنىقى ۋە يىراق مۇساپىلىك راكېتا قويۇپ بېرىشى قاتارلىق ئىستىراتېگىيەلىك خىرىسلىرى ئالدىدا، كورېيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيە بازىسىغا ئاخىرقى ئېگىز بوشلۇقتا مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى، يەنى ساد سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تۇتۇنۇشنى قارار قىلدى.

شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىشېڭ مۇنداق دېدى: كورېيە بىلەن ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ يېقىندا قىلغان يادرو سىنىقى ۋە يىراق مۇساپىلىك راكېتا قويۇپ بېرىشى-چاۋشيەننىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللىرىنىڭ كورېيە، ھەتتا پۈتكۈل ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى دەپ بىردەك ھېسابلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ كورېيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىق قاتلىمىدىن ساد سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى كېڭىشىشنى قارار قىلدى. ليۇ جىشېڭ مۇنداق دېدى: كېڭىشىش-چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا ساد سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە بالدۇرراق ئىزدىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ليۇ جىشېڭ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەگەر ساد سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئۇ پەقەت چاۋشيەنگىلا قارىتىلىدۇ. شۇ چاغدا، كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有