كورېيەنىڭ چاغانلىق يولۇچى تۇشۇشىدا بېسىم ئېغىر بولىدۇ

مەنبە: uycnr

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2016-02-02 18:00:40

چاغان- كورېيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى، ھەر يىلى %60 كورېيەلىك مۇشۇ مەزگىلدە ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردىن يۇرتىغا تۇغقان يوقلاپ قايتىدۇ. كورېيە قانۇنىدا، 2016- يىللىق چاغاندا كورېيەدە 4 كۈن ئارام ئېلىش بەلگىلەنگەن. يولۇچىلار يۇقىرى دولقۇنى ئاساسلىقى چاغاننىڭ ھارپا كۈنى ۋە بىرىنچى كۈنىگە مەركەزلىشىدۇ، مۇشۇ مەزگىلدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ۋوگزال، ئايدروملاردا يولۇچىلار زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ، مۆلچەرلىنىشچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللاردا ئېغىر توسۇلۇش كۆرۈلىدىكەن. شۇڭا كورېيە ھۆكۈمىتى مۇنداق دېدى، دۆلەت زېمىن قاتناش مىنىستىرلىقى 5- فېۋرالدىن 10 -فېۋرالغىچە قاتناش باشقۇرۇش ئالاھىدە تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، 150 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ. دېڭىز ئوكيان سۇ مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىقى دېڭىز ئوكيان تىرانسپورتىنى ئالاھىدە باشقۇرۇش تارمىقى قۇرۇپ، چاغان مەزگىلىدە پاراخوت بىلەن يولۇچى توشۇش كۈچىنى %19 ئاشۇرىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有