چاۋشىيەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىئولدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىمىز

مەنبە: يەرشارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2015-04-01 10:47:45

يەر شارى تور خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى چاۋشىيەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىش بېجىرىش ئورنى بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە كورىيىنىڭ سىئول شەھىرىگە ئۇرۇنلاشتى. چاۋشىيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى رەئىسى ئىدارىسى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ بۇ قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، بىز ھەرگىز بىر چەتتە قاراپ تۇرمايمىز، بۇ ئىش بېجىرىش ئورنى رەسمىي قۇرۇلىدىغان بولسا چاۋشيەننىڭ قىلچە رەھىم قىلماستىن زەربە بېرىدىغان نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ ۋە چاۋشيەننىڭ ئالدىن قول سالىدىغان زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ- دېدى.

چاۋشىيەن « ئەمگەك ئاخبارات تورى » ۋە مەكىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى 3- ئاينىڭ 31- كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنۇلار ئېيتىلدى: كورىيە بىلەن چاۋشىيەن 28- قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات يىغىنىدا يەنە بىرى قېتىم تىغ ئۇچىنى چاۋشيەنگە قارىتىپ، چاۋشيەننىڭ ئىززەت ئابرويىنى دەپسەندە قىلىدىغان ۋە چاۋشيەنگە قارشى تۇرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق قارارىنى چىقىرىپ، پۈتكۈل چاۋشىيەن خەلقنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى. كورىيىنىڭ بۇ ئېغىر مىللەتچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزۈش قىلمىشى، چاۋشيەنگە يەنە بىر قېتىم چىداپ تۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئىغۋاگەرلىك قىلدى ۋە يۈز تۇرانە جەڭ ئېلان قىلدى. باياناتتا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىكى كورىيىلىكەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، پەقەت ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى قىلىش ھەرىكتى « تېررورىزىم » دەپ قارىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە مىللىي يارىشىش ۋە بىرلىككە كېلىشنى تەرغىپ قىلىدىغان كىشىلەرگە « چاۋشيەنپەرەس كۈچلەر » دېگەن قالپاق كېيگۈزۈلۈپ قاتتىق باستۇرۇلدى. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى شۇكى، چاۋشىيەن چېگرىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان كورىيە جاسوسلىرى پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىتىراپ قىلغىنىغا ئوخشاش، كورىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ پەردا ئارقىسىدا يېتەكلىشى ئاستىدا چاۋشىيەنىڭ ئەڭ ئالىي ئابرويغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ۋە چاۋشيەننىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان قەبىھ تېررورلۇق ھەرىكتىنى پىلانلىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكا بىلەن كورىينىڭ چاۋشيەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇنى-بۇنى دەپ يۈرۈشى، چاۋشيەنگە ئېغىر دەرىجىدە بىھۆرمەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت دارئىرلىنى ساراڭ تاپقانلىق. چاۋشىيەن ھەرگىزمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، سىئودا « چاۋشىيەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىش بېجىرىش ئورنى » تەسىس قىلىنىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ.بۇ قىلمىش كورىيىنى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە قارىشى تۇرىدىغان خەلقئارالىق جىنايى قىلمىشلارنى پىلانلاش ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ قارا ئۇۋا كورىيىدە ياسىلدىغان بولسا، دەرھال چاۋشيەننىڭ رەھىمسىزلەرچە جازالاش نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有