چاۋشىيەن ھەر دائىم قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى مۇمكىن

مەنبە: يەرشارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2015-03-19 19:07:51

يەر شارى تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

ياپونىيە ئورتاقلىق ئاگېنتلىقىنىڭ 3- ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شىللىن شۇ جاي ۋاقتى 18- مارت كېڭەش پالاتاسى پۇل ئاجرىتىش كومىتېتىنىڭ كىچىك ھەيئەت ئەزالار يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ: چاۋشىيەن ھەر ۋاقىت قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىشى مۇمكىن، ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقات مۇساپىسىگە ئالاھىدە ھۇشيار مۇئامىلە تۇتىدۇ- دېدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شىللىن بۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە ئىدارىسى بىلەن ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئورتاق كۆز قارىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكا تەرەپ چاۋشيەننى ئاللىقاچان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى، ئۇلار بۇ يىل خالىغان ۋاقىتتا قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بېرەلەيدۇ- دەپ قارايدۇ- دېدى. ئەمما شىللىن ئۇلارنىڭ كونكرېت ئاساسىنى ئاشكارىلىمىدى.

شىللىننىڭ كۆرسىتىشىچە، چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانى ۋە ئىقتىدارى ئامېرىكىغا زور دەرىجىدە تەھدىت سالغان. چاۋشىيەن تەرەپنىڭ 2014- يىلى 3- ئايدا ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەندىكى ئەھۋاللارنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا، چاۋشيەننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بۇ ئىشتىن بۇرۇنمۇ ھېچقانداق ئالدىن بىشارەت بەرمەيدىكەن.

بەزى خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، شىللىن يەنە مۇنداق دەپ قارىغان: ئامېرىكا ياپونىيە ۋە كورىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. بۇ ئەڭ ئىلغار يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇش سىستېمىسىنى كېڭەيتىش، چەكسىز ھاۋا تەۋەلىكىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有