كېلەر يىلى ئەنگىلىيىدە ئويۇن ئوينىغاچ ئاپتوموبىل ھەيدەش رىئاللىققا ئايلىنىدۇ

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-05 13:03:01

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4- دېكابىر لوندوندىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، شوپۇرسىز ئاپتوموبىللار كېلەر يىلى يىل بېشىدا ئەنگىلىيىدىكى 4 شەھەردە سىناق ھالەتتە يولغا چىقدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر بىلىستون ۋە ئوتتۇرا قىسىمغا جايلاشقان كوۋىنترى شەھىرى ئۆزىلىرىنىڭ شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنى سىناپ يولغا چىقىرىش تۈرىنى يولغا قويىدۇ. لوندوننىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ئىككى كىچىك بازار گېرىنۋىچ ۋە مىلتون كېينىس بازىرىمۇ بۇ سىناق تۈرىگە قاتنىشىدۇ. ئەنگىلىيە مالىيە مىنىستىرلىكى كۈزلۈك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيىنىڭ يېرىم ھۆكۈمەت ئورگىنى « يېڭىلىق ياراتقان ئەنگىلىيە » شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنى سىناق تەرىقىدە يولغا چىقىرىش تۈرىنى يولغا قويىدىغان شەھەر-بازارلارنى ئېلان قىلدى. كۈزلۈك مالىيە دوكلاتىدا ئەنگىليە مالىيە باش ۋەزىرى ئاۋسبىن بۇ تۈرگە داۋاملىق 9 مىليون فۇندېستىرلىڭ پۇل بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يىل 7- ئايدا بۇ تۈر 10 مىليون فۇندېسترلىڭ مەبلەغقە ئېرىشكەن ئېدى.

ئۆتكەن يىلى ئەنگىلىيە « مەملىكەتلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش پىلانى » دا شوپۇرسىز ئاپتوموبىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنگىليىنى بۇ ساھەدە ئەڭ ئالدىدا ماڭغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشن قارار قىلىنغان ئېدى. ئەنگىلىيە سودا ئىشلىرى باش ۋەزىرى كەيبىل بۇ يىل 7- ئايدا، كېلەر يىلىدىن باشلاپ شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ تاشيولغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئۇ يەنە ئەنگىلىيىنىڭ نۆۋەتتىكى قاتناش قائىدىسى ئۆزگەرتىپ تۈزىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ يولغا چىقىشىنى مۇناسىپ قائىدە نىزام بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگىلىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يولغا چىققان شوپۇرسىز ئاپتوموبىللاردا چوقۇم نازارەتچى بولىشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە ھەر ۋاقتى قولدا ھەيدەش ھالىتىگە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بولىشىنى تەلەپ قىلىدى. شوپۇرسىز ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىگە GPS سەپلىنىپ يول باشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېلېكامىرا ۋە سېنزورلار ئورنىتىلىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى ۋە باشقا ماشىنىلارنى بايقاپ، توسالغۇلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ.

ئەمما كۆپ ساندىكى ئەنگىلىيە پۇقراسى شوپۇرسىز ئاپتوموبىلغا سوغۇققان پوزىتسىيىدە بولدى. ئەنگىلىيە مېخانىكا قۇرلۇش ئېنژىنىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %65 ئادەم شوپۇرسىز ئاپتوموبىل سېتىۋالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئاران %20 ئادەم سېتىۋېلىشنى خالايدىكەن، قالغان %15 كىشى ئىپادە بىلدۈرمىگەن.


شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有