N+2 ئاۋازىدىن تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلانى 2 سائەت ئىچىدە ئامېرىكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتەلەيدۇ

مەنبە: يەرشارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-02 13:50:54

يەر شارى تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئىككى سائەت ئىچىدە ئامېرىكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش پەقەت ئىلمىي فانتازىيە فىلىلملىرىدىلا بولامدۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئالاھىدە سۈرئەت پات بېقىنىدا ئەمەلىيەتكە ئايلىنىدۇ. چەتئەل پەن-تېخنىكا تور پونكىتى Pocket-lint نىڭ 28- نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، لۇكخد مارتىن ئالەم بوشلۇقى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىر خىل N+2 سودىدا ئىشلىتىلىدىغان ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان رېئاكتىپ ماتورلۇق ئايروپىلاننى لايىھىلەپ چىققان بولۇپ، بۇ ئايروپىلانغا 90 يولۇچى سىغىدىكەن، نيۇيوركتىن لوس ئانجېلىستا بېرىش ئۈچۈن پەقەت 2.5 سائەتلا كېتىدىكەن.

N+2 گە بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئىتترىش سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ سىستېما ئۈچ دان گاز پۈركۈش قۇرۇلمىسىدىن تەشكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئايروپىلان ماتورى ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ ئۈستى قىسىمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قالغان ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ئىككى قاناتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانكەن. ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى شىركىتى N+2 تۈر مەسئۇلى مىچىلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاۋىئاتسىيە ئىنژىنېرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى رېئاكتىپ ئايروپىلاننىڭ ئاۋازىنى پەسەيتىش بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى قانات، ئايروپىلان گەۋدىسى ۋە ئايرودرومدا شاۋقۇننى كونترول قىلىش ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، N+2 دىن باشقا بارلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئوخشاشلا شاۋقۇننى پەسەيتىش ۋە سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.

AS2 شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان AS2 سودا رېئاكتىپ ئايروپىلانى ئاۋازدىن 1.6 ھەسسە تېز ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، 12 يولۇچىنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، نيۇيوركتىن لوندونغا بېرىشقا پەقەت 4 سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ئاۋاز پارتلاش بارلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار دۇچ كېلىدىغان قىيىن مەسىلە. ئايروپىلان ئاۋازدىن تېز ئۇچقاندا غايەت زور شاۋقۇن پەيدا قىلىدۇ، شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار چەكلەپ، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلان پەقەت ئوكيان ھالقىپ ئۇچۇشتىلا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ئەمما نۆۋەتتە بويىن شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئاۋاز پارتلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى 2022 يىلىدىن بۇرۇن بۇ پىلاننى ئورۇندايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە لۇكخد مارتىن شىركىتى بىر خىل HTV-2 ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى سىناق قىلىۋاتىدۇ. ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ سائەتلىك ئۇچۇش سۈرئىتى 13000 مىڭ ئىنگىلىز مىل بولۇپ، مۇشۇ سۈرئەت بۇيىچە ھېسابلىغاندا نيۇيوركتىن لوس ئانجېلىسقا بېرىشقا پەقەت 12 مىنۇت ۋاقتى كېتىدىكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有