يېڭى زىللاندىيە شىركىتى يۈدۈمە ئۇچقۇ ياساپ چىقتى

مەنبە: يەرشارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-01 20:40:52

يەر شارى تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

بۈگۈنگە قەدەر پەقەت ئىلمىي فانتازىيە فىلىملىرىدىلا كۆرۈلىدىغان « يۈدۈمە ئۇچقۇ » نى تۇرمۇشتا ئىشلىتىش يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلاشتى.

يېڭى زىللاندىيە مارتىن ئايروپىلان شىركىتى ئامېرىكا ئاۋاتىچ شىركىتى بىلەن 1 مىليون دوللارلىق توختام تۈرۈپ، ئاۋاتىچ شىركىتى مارتىن شىركىتىدىن 172 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى يۈدۈمە ئۇچقۇ سېتىۋالماقچى بولدى.

مارتىن شىركىتى ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 80- يىللىرىنىڭ بېشىدىلا يۈدۈمە ئۇچقۇنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. بۇ خىل يۈدۈمە ئۇچقۇ 914 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچالايدىكەن، سائەتلىك ئۇچۇش سۈرئىتى 80 كىلومېتىر، ئەڭ كوپ بولغاندا 113 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى يۈكنى كۆتۈرۈپ ئۇچالايدۇ. بىر دانە يۈدۈمە ئۇچقۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىلىش باھاسى 200 مىڭ دوللار بولۇپ، كەسپىي ئۇچقۇچى ھەيدەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مارتىن شىركىتى بىلەن ئاۋاتىن شىركىتى ھەمكارلىشىپ بۇ ئۇچقۇنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا بۇ يەككە كىشىلىك يۈدۈمە ئۇچقۇ ئەڭ ئاۋال ئامېرىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ ئورۇنلار ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش، بىخەتەرلىك، قوغدىنىش، قۇتقۇزۇش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تەبئىي ئاپەتلەرنى بايقاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有