چاۋشىيەن تۇنجى بولۇپ سۇ ئاستىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىنىقىنى تاماملىدى

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-28 18:22:38

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 28- نويابىردىكى تېلېگراممىسى، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشىيەن تەرەپنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سۇ ئاستى پاراخوتىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇيۇپ بېرىش سىنىقى تاماملانغان. بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىشتە ئىشلىتىلگەن سىناق قورۇلما قۇرۇقلۇقتا تىك ھالەتتە قويۇپ بېرىشتە ئىشلىتىلگەن تارقاتقۇچى لامپا بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ سىناق بۇ قۇرۇلمىنىڭ سۇ ئاستىدا ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئېگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، چاۋشيەننىڭ كەلگۈسىدە سۇ ئاستىدا يادرو بومبىسى قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى ھازىرلىشىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى.

ئىلگىرى ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى مۇشنىڭغا ئوخشاش ئىككى ئۈچ قېتىملىق سىنىقى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، سىناق قىلىنغان ئورۇننىڭ چاۋشيەننىڭ ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا باش تەتقىقات ئورگىنىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان ئېدى، كېيىن كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىمۇ بۇ سىناقلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر بەرگەن ئېدى. يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بەلكىم بىر خىل يېڭى تىپتىكى پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، ئېتىلىش مۇساپىسى 130 كېلومېتىر بولىشى ؛ ياكى بىر خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، ئېتىلىش مۇساپىسى 240 كىلومېتىر بولىشى مۇمكىن.

تىك ھالەتتە قۇيۇپ بېرىش سىستېمىسىنى سىناق قىلىشتىن باشقا، چاۋشىيەن يەنە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى جەملەپ 3000 توننىلىق گولف بەلگىلىك سۇ ئاستى پاراخوتتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有