ئالىملار گەندە تەركىبىدىكى باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ يان تېلېفوننى توك بىلەن تەمىنلىمەكچى

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-20 17:53:48

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20- نويابىردىكى تېلېگراممىسى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ئالىملىرى گەندە تەركىبىدىكى باكتېرىيىنى يېڭى تىپتىكى بىئولوگىيىلىك باتارىيە قىلىپ، يانفۇن، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى تۇرقلىق، چىداملىق توك مەنبەسى قىلىش توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

ئېگىلنىشىچە، ئەنگىلىيە شەرقىي ئانگىلا ئۇنىۋېرسىتېتى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئامېرىكىدىكى تىنىچ ئوكيان غەربىي شىمال دۆلەتلىرى تەجىربىخانىسىدىكى ئالىملار نۆۋەتتە ھەمكارلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، گەندە تەركىبىدىكى شىۋانىللا باكتېريىسىنىڭ ئېلېكترون ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ.

بۇ قېتىمى تەتقىقاتنى باش بولۇپ يولغا قويغان ئالىم جۇلى بۇتتى پىراففىسورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋانىللا باكتېرىيىسى نەپەسلەنگەندە ئېلېكتىر زەرىتى قويۇپ بېرىدىكەن. مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدا كىشىلەر شىۋانىللا باكتېرىيىسى تەن سىرتىغا قويۇپ بەرگەن ئېلېكتىر زەرىتىدىن پايدىلىنىپ، كىچىك ھەم چىداملىق باتارىيە ياساپ چىقالايدىكەن.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مۇھىت ئاسراشتىكى يېڭىچە ئۇسۇل بولغاچقا، بۇ تېخنىكا نۇرغۇنلىغان خۇسۇسىيلار ئىگىدارلىقىدىكى زاۋۇت ۋە سودىگەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، نۇرغۇن كەسىپداشلار بۇ تېخنىكىنىڭ تېزراق ئىشلىتىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有