مالايسىيانىڭ چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۈچىنى كۆرسىتىدىغان پىچكىغا ئايلىنىپ قالدى

مەنبە: رادىئو تورى

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-07-24 12:31:17

{مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 17 MH قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكىلى 5-4 كۈن بوپ قالدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇ 2 ۋەقەنىڭ قىسقىغىنا 4 ئاي ئىچىدە بىرلا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىدىن ھەيران بولۇشماقتا. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن مالايسىيالار زىيان تارتىدۇ، 1-قېتىملىق ئايروپىلان ۋەقەسىدىن كېيىن مالايسىيا ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كۈچىنى زورايتمايدۇ؟ ھۆكۈمەت نېمە ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمايدۇ؟}

مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 17 MH قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكىلى 5-4 كۈن بوپ قالدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇ 2 ۋەقەنىڭ قىسقىغىنا 4 ئاي ئىچىدە بىرلا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىدىن ھەيران بولۇشماقتا. مالايسىيا پۇقرالىرى: نېمە ئۈچۈن مالايسىيالار زىيان تارتىدۇ، 1-قېتىملىق ئايروپىلان ۋەقەسىدىن كېيىن مالايسىيا ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كۈچىنى زورايتمايدۇ؟ ھۆكۈمەت نېمە ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمايدۇ؟ دەپ سوئال قويۇشماقتا.

مالايسىيا زۇڭلىسى ناجىپ ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق مالايسىيا خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىققا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا مۇراجەت قىلدى. ئۇ: مالايسىيا خەلقى كرىزىس ئالدىدا بىردەك ئىتتىپاقلىقتىن قەتئىي تەۋرىمەسلىكى، دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتۇلۇشىغا دۇئا قىلىشى كېرەك، دېدى. تېخىمۇ كۆپ مالايسىيا پۇقرالىرى توردا بۇ قېتىمقى ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا ھەر خىل شەكىلدە تەزىيە بىلدۈردى ھەم مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مالايسىيا قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى گوللاندىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش، ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى مالايسىياغا بېرىش توغرىسىدا ئۈلۈشكۈن ئۇكرائىنا ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن بۆسۈش خاراكتېرلىك كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى.

مالايسىيا زۇڭلىسى ناجىب مۇنداق دېدى: ئۆزى مۇستەقىللىق جاكارلىغان دۇنىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلى ئالېكساندر بولوداي ماڭا تېپىلغان 282 ئادەمنىڭ جەسىتىنى پويىز بىلەن ئۇكرائىنانىڭ خاركوف شەھىرىگە ئاپىرىپ، گوللاندىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى، ئايروپىلاننىڭ ئىككى قارا قۇتىسىنى مالايسىيانىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا بېرىدىغانلىقى، بۇندىن باشقا خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايغا بېرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

ناجىب تېلېۋىزىيە نۇتقىدا يەنە مۇنداق دېدى: بىز ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ۋە ۋەقە پەيدا قىلغۇچىنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا ھەققانىيەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەن كېلىشىمنى ھاسىل قىلغان بولساقمۇ، كېلىشىمنى تاماملاشتىن بۇرۇن يەنە نۇرغۇن ھالقىلارغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيمەن.

ناجىب شۇنىڭ بىرگە يەنە مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئايروپىلان ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلاردىن غەزەپلىنىدىغانلىقى ۋە ئۈمىدسىزلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىنقى كۈنلەردە مەن كۆپ قېتىم مالايسىيا خەلقى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئاچچىقىمنى چىقىرىشنى ئويلىدىم، لېكىن ھازىرقى ۋاقىتتا چوقۇم ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەككەن، دېدى.

لېكىن ئۇكرائىنا زۇڭلىسى ياسىنوك مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا مالايسىيا ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ۋە قانۇن دوختۇرىنىڭ تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى گوللاندىيە دائىرىلىرىگە بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، 298 ئادەمنىڭ جەسىتىنى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مالايسىيا تاراتقۇسىنىڭ بىر ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: مالايسىيا تىنچلىقپەرۋەر دۆلەت. بىز ئەسلى ئۇرۇش بىزدىن ناھايىتى يىراق دەپ ئويلىغان ئىدۇق. م خ 17-قېتىملىق ئايروپىلان گوللاندىيەدىن مالايسىياگە كېتىۋاتقاندا ئۇكرائىنا-رۇسىيە چېگرىسىغا چۈشۈپ كېتىشى بىزنى قاتتىق چۆچۈتتى. ئەسلى ئۇرۇش يېنىمىزدىلا ئىكەن. ھېچ قانداق ئادەم ئۇرۇش ئېلىپ كېلىدىغان ئۆلۈم ۋە ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن. ئۇرۇشنى توختىتىڭلار! قىلچىمۇ كېچىكتۈرمەڭلار.

مالايسىيانىڭ م خ 17-قېتىملىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئامېرىكا: ئۇكرائىنا تەۋەسىدىكى ئەلئارا قوراللىق ئۇنسۇرلار بۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچى، رۇسىيە ئۇلارنى ب ئۇ ك بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىگۈچى، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. ئامېرىكا: م خ 17-قېتىملىق ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ياۋروپاغا رۇسىيەگە ھەسسىلەپ بېسىم ئىشلىتىشنىڭ ۋاقتى كەلدى دېگەن سىگنالنى بەردى.

رۇسىيە زوڭتوڭى پۇتىن ئۈلۈشكۈن بۇنىڭغا قارىتا: ھېچ كىمنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھوقۇقى يوق، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئايروپىلان ۋەقەسىگە قارىتا بىز ئۆز ئۆزىمىزگە ئىشەنگەن ھالدا شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى، ئەگەر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇرۇش توختىتىلغان بولسا بۇ پاجىئە يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ئەمدى بولغۇلۇق بولۇپ بولدى. ھېچ كىمنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھوقۇقى يوق. بۇ ۋەقە كىشىلەرنىڭ بۆلۈنۈشنى كۈچەيتىۋەتمەستىن تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى. پۇتىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دۇنىستىك ئاسمىنىدا يۈز بەرگەن پاجىئەگە قارىتا رۇسىيەنىڭ مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەنكى، بىز ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى دەرھال قانلىق توقۇنۇشىنى توختىتىپ، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمىز. رۇسىيە ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە تىنچلىق ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

مالايسىيادىكى بىر تاراتقۇ مۇنداق دېدى: م خ 17-قېتىملىق ئايروپىلانغا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ توقۇنۇشىدىكى غايىبانە ئوق تېگىپ كەتتى. 298 بىگۇناھ پۇقرا قازا قىلدى. پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاۋام قاتتىق چۆچۈدى ھەم ئازابلاندى. بۇنداق ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى خەلقنىڭ كۆز يېشى ئارقىلىق رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىشى ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدۇ. مالايسىيادىكى تېخىمۇ كۆپ تاراتقۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مالايسىيانىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىنى دوغا تىكمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھازىر ۋەقەنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى تېزدىن ئاشكارىلاپ، قازا قىلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاپىئاتلىرىغا جاۋاب بېرىدىغان ۋاقىت.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有