​خەفتەر ئىككىنچى كازافى بولۇپ قالارمۇ؟

مەنبە: يەرشارى تورى

تەھرىر: parizat

يوللانغان ۋاقتى: 2014-06-03 19:17:41

« يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» خەۋىرى: باغداش تورىدىن پەرىزات پولات تەرجىمىسى

يېقىندا لىۋىيەنىڭ پايتەختى تېروپولىدا زوراۋانلىق توقۇنۇش يەنە بىر قېتىم يۈز بەردى. توقۇنۇشتا كازافىغا ئاسىيلىق قىلغان خەفتەر پەردە ئارقىسىدىن تەدرىجى تەختكە چىقتى. لىۋىيە ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى خەفتەرنى سىياسىي ئۆزگىرىشتىكى« ئاچكۆز» دەپ تەسۋىرلىدى. كۆپلىگەن لىۋىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە خەفتەر يېڭى زوراۋان شەخىس بولۇپ، « لىۋىيەدىكى ئىككىنچى كازافى»دەپ قارالغان.

خەفتەر لىۋىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بەنغازىدا توغۇلغان،بىراق تۇغۇلغان يىلى ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكا « ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» ئۇنى 71 ياشقا كىردى، دېگەن. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقى خەفتەرنى بەنغازىدا ھەربىيلىككە كىرىپ، ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان، ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ھەربىي ئىشلار مەشىقى ئېلىپ بارغان، دەپ كۆرسەتتى. 1969-يىلى، خەفتەر كازافىغا ئەگىشىپ ئېدىرىس پادىشاھلىقى بىلەن ئېلىپ بارغان« 1-سىنتەبىر» سىياسى ئۆزگىرىشىگە قاتناشقان. كېيىن خافتەر باش شىتاب باشلىقى بولغان.

1978-يىلىدىن1987-يىلىغىچە، لىۋىيە بىلەن چاد ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بەرگەن مەزگىلدە، خافتەر قوشۇننى چادقا باشلاپ كىرگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا خافتەرنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، كازافى ئۇنىڭ ھوقۇقىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەپ، بارغانسېرى ئارقا سەپ قوللىشىنى ئۈزۈپ قويغان. 1987-يىلى، خافتەر نەچچە يۈزلىگەن لىۋىيەلىك ئوفېتسىر، ئەسكەرلەر بىلەن چادتىكى دېدۇم ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەن. ھالبۇكى كازافى چادنىڭ چىگرا ئىچىگە قىسىم ئەۋەتكەنلىكىنى قەتئىي ئىنكار قىلغان، ھەتتا سىرتقا خافتەرنى تونۇمايدىغانلىقىنى، جاكارلىغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىككىسىنى مۇناسىۋىتى يامانلاشقان.

خافتەر چادقا تەسلىم بولغان ھەم قوشۇننى باشلاپ كازافى بىلەن ئۇرۇشۇشقا قوشۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، خافتەر كازافىنىڭ «لىۋىيە دۆلىتىنىڭ خەلق ئارمىيىسى» رەھبىرىگە قارشى كىشىگە ئايلانغان. ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قىسىمغا ياردەم بېرىدىغىنى ئامېرىكىدىكى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئىكەن.

1990-يىلى چاد ھۆكۈمىتى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، يېڭىدىن تەخىتكە چىققان ئېتىرنال لىۋىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلغان ھەمدە خافتەرنى چادتىن مەجبۇرىي قوغلىۋەتكەن. مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ياردىمىدە، خافتەر ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە يۆتكەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنى قالدۇرمىغان. ئاخىرىدا، خافتەر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئامېرىكىغا بېرىپ، قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ فوۋلىس چارچ شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان.

2011-يىلى لىۋىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، خافتەر دۆلىتىگە قايتىپ كازافىغا قارشى سىياسىي ھوقۇق كۈرۈشىگە قاتناشقان. كازافى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش كۈچىدە، خافتەر زور ئابرويغا ئېرىشكەن. مۇشۇ سەۋەبلىك، ئەينى چاغدا ئۆكتىچىلەرنىڭ بەزىلىرى خافتەردىن ئەيمەنگەن. كازافى ھۆكۈمتىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن، 100 دىن ئارتۇق ھەربىي ئەمەلدار خافتەرنى يېڭى ھەربىي ئارمىيەنىڭ باش شىتاب باشلىقىغا كۆرسەتكەن، بىراق ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان.

كىشىلەر خافتەرنى ئەمدى كەلمەيدۇ دېگەن قاراشتا تۇرغىنىدا، ئۇ قايتا ئاممىنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان. 2- ئايدا خافتەر تولۇق قۇراللانغان كېيىمى بىلەن لىۋىيەدىكى تېلىۋىزىيە پروگراممىسىدا چىقىپ، بۇ دۆلەتنى ئۆتكۈزۋالغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە خەلق يىغىنىنى تارقىتىۋىتىشنى ئۆتۈنگەن. 18- ماي، خافتەر ئىتتىپاقداش ئارمىيسىنىڭ خەلق ئارمىيىسى قۇراللىق كۈچ بىلەن خەلق يىغىنىغا ھۇجۇم قىلغان. خافتەرنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لىۋىيە ژاندارما قوماندانى فېرنانا خەلق يىغىنىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغان. 19-ماي، لىۋىيەدىكى ئالاھىدە قىسىم، تۇبلۇغ ھاۋا ئارمىيىسى بازىسى خافتەرگە ساداقەتمەنلىكىنى جاكارلىدى. ئانالىزچىلار، لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسىم رايوندىكى سەرخىل قوشۇننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى خافتەرنى لىۋىيەنىڭ شەرقىي قسىم رايونلىرىنى ئاساسى جەھەتتىن كونتىرول قىلىشى ئۈچۈن قىلچە خاتىرجەمسىزلەندۈرمەيدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بىراق « ئاچكۆز »دەپ قارىلىۋاتقان خافتەر دۆلەت زېمىنىنىڭ يېرىمىغىلا قانائەتلىنىپ قالارمۇ؟


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有