ئافرىقا قىتئەسى جوڭگۇ-ئامېرىكا دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى جەڭ مەيدانى ئەمەس

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر: parizat

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-27 12:09:31

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»خەۋىرى،باغداش تورىدىن : پەرىزات پولات تەرجىمىسى

جوڭگۇ، ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى يېقىندىلا ئوخشاش ۋاقىت بۆلىكىدە ئافرىقا قىتئەسىدە زىيارەتتە بولدى. « تارىخ تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان قۇرۇقلۇق»دەپ نام ئالغان ئافرىقا قىتئەسى خەلقئارا سەھنىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى. شىياڭگاڭ « ئەدەبىي مەجمۇئەلەر» گېزىتى « بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇىدۇ» دەپ كۆرسىتىپ، بۇ مەيدان جوڭگۇ-ئامېرىكا ئارىسىدىكى مەقسەتلىك دىپلوماتىيە تۇتۇشىشىنى يۇشۇرۇن ئىپادىلىدى. بەزى ئىلىم ئەھلىلىرى تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا يۈرگۈزىۋاتقان ئىستىراتىگىيە بېسىمى ۋە ئىستىراتىگىيەلىك قاپسىشى تۈپەيلىدىن، جوڭگۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئافرىقا قىتئەسىدە يېڭى دىپلوماتىيە جەڭ مەيدانى ئېچىشى كېرەك، دېدى. بەزى يازغۇچىلار بۇ خىل قاراشتا يېڭىلىقىنىڭ كەملىكىنى، چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

جوڭگۇ-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئاكتىپ ھالدا ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەڭ كۈچىسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە ئېتىۋاتقان« بىرلەشمە مۇش»ى ئوخشاشمايدۇ. كېررىنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدىكى زىيارىتى بىخەتەرلىك ۋە دىمۇكراتىيەگە كۆڭۈل بۆلۈش بولسا، لى كېچياڭنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدىكى زىيارىتى تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. كېررى ئېفئوپىيەدە جەنۇبىي سۇدان توقۇنۇشىدىكى ئۈچ تەرەپتىن بىردەك قول سېلىش تەدبىرىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. كونگودا، كېررى يەنە زوڭتۇڭ كابىلانىڭ ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ھۆرمەت قىلىشىنى ، 2016-يىلىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشنى ئىزدىمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى. ئانگولادا كېررى ئوخشاشلا چوڭ كۆل رايونىنىڭ تىنىچ مۇقىملىق مەسىلىسىنى تەكىتلىدى. لى كېچىياڭ ئافرىقا قىتئەسىدىكى زىيارىتىدە «461» جوڭگۇ-ئافرىقا ھەمكارلىق رامكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جوڭگۇ-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئافرىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەيلى تىنىچ دىمۇكراتىيە مەسىلىسى بولسۇن، ياكى تەرەققىيات ھەمكارلىقى مەسىلىسى بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا موھىم. جوڭگۇ، ئامېرىكىنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە ئوخشىمىغان ھالدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ئوخشىمىغان ئىستىراتېگىيە مەناغا ئىگە. ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جوڭگۇ بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا قايسى تەرەپتە تۇرۇشى قېيىنغا توختىدى.

ئامېرىكىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك ئىستىراتىگىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ يادروسى ئافرىقا قىتئەسىدە ئەمەس. « 11-سىنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىنكى 10 يىلدا، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ئامېرىكىنىڭ بارلىق دىققەت ئېتىبارىنى ئىسكەنجىسىگە ئالدى. شۇڭلاشقا ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلىتى بىخەتەرلىك ئىستىراتېگىيىسىدە تېرورلۇققا قارشى ئورنىنى قايتا ئورنىتىپ، ئومۇميۈزلۈك « چېكىنىش» ئىستىراتېگىيىسىگە ئەمەل قىلدى. ئامېرىكا تېرورلۇققا قارشى ئېستىراتىگىيسىنىڭ تەڭشىلىشى ئافرىقا قىتئەسىدىكى رايونلاردا تېرورىزىمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يەرشارى ئېستىراتىگىيسىنىڭ دىققەت كۈچىگە موھىم چۈشەك ھاسىل قىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، جوڭگۇ-ئامېرىكا-ئافرىقا ئۈچ بۇرجەكنىڭ ئۆزئارا ھەرىكەتكە كېلىشىدە، ئافرىقا قىتئەسىدىكىھ تېرورىزىم مەسىلىسى جوڭگۇ-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

جوڭگۇ ئافرىقا بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدە چەتكە قېقىش ئەمەس، بەلكى بىر خىل كەڭ قورساق ھەمكارلىق تەدبىرىنى ئىزدەيدۇ. لى كېچىياڭ ئافرىقىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا جوڭگۇ-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى باھالاپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا قىلچىمۇ دارىتمىلىغان باھا ياكى تەنقىدلەش قىلمىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جوڭگۇ ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقىدىكى ھەرىكىتىگە قارىتا كەڭ قورساقلىق پوزىتسىيىسىنى ساقلىغان. جوڭگۇنىڭ قارىشىچە، ئورتاق ھەمكارلىق بولغاندىلا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تىنىچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ھالبۇكى، بۇ ھەمكارلىق پەقەتلا جوڭگۇ ئافرىقا ئىككى تەرەپنى كۆرسەتمەستىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىنىڭ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有