ياپونىيەدە ئولىمپىك نامىدا ئالدامچىلىق قىلىش بايقالدى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر: parizat

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-21 17:55:41

ياپونىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 19-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇلتۇر 9-ئايدا توكيونىڭ ئولىمپىكنى ئىلتىماس قىلىشى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاندىن بۇيان، ھەر قايسى جايلاردا يالغاندىن ئولىمپىك نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىۋىتىپتۇ ھەم زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار ئىكەن.

خەۋەردە كىۋانتۇننىڭ شىمالىدا تۇرۇشلۇق 80 ياشلىق كىشى بىر شىركەتنىڭ تەشۋىقات دەپتىرىنى تاپشۇرۋالغان. كېيىن ئۆزىنى مۇخبىر دەپ ئاتىۋالغان بىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە كېلىپ، ياشانغان كىشىگە بۇ شىركەتنىڭ تىجارىتى ۋە توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرگەن ھەمدە پۇل ئامانىتىنى شۇ شىركەتكە قويغاندا ئېرىشىدىغان ئۆسۈمىنىڭ بانكىنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ياشانغان كىشى ئادېرىس بويىچە 5 مىليون يىننى ئەۋەتكەن. بىراق، بۇ شىركەتتىن ھېچبىر ئۇچۇر كەلمىگەن. توكيو ساقچى تەرەپلىرى « ياردەم بېرىش، غەمخۇرلۇق قىلىش مەبلەغ ئۇيۇشمىسى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىدىن 8 كىشىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ كىشىلەر قولىدا ئولىمپىككە مۇناسىۋەتلىك بېلەت تاشلاش سېتىقچىلىقى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئالداپ، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تەخمىنەن 4 مىليون يىننى قولغا چۈشۈرگەن.

ياپونىيە دۆلەتلىك ئىستىمالچىلار مەركىزى قاتارلىق مەسلىھەتچىلىك تارمىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە توكيونىڭ ئولىمپىك ئىلتىماسى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاندىن بۇيان، ئۇلار ئولىمپىككە مۇناسىۋەتلىك ئالدامچىلىق ئەنزىلىرىدىن 200 گە يېقىننى تاپشۇرۋالغان. ئالدىغان سوممىسى نەچچە مىليون يىنغا يەتكەن. بۇ مەركەزنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ئاممىغا ئولىمپىككە مۇناسىۋەتلىك ئامانەت-قەرز مەبلىغىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有