ئامېرىكىچە دىموكراتىيە «قۇتقۇزغۇچى» بولالمايدۇ

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر: parizat

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-20 18:26:55

ئامېرىكا ئۇدا كىشىلىك ھوقۇق، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىقلاردىن دوكلات بېرىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، دىموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقىغا بىمەنە ئەيىبلەش ئېلىپ بارماقتا. «ئاۋال ئۆزىدىن، ئاندىن ئۆزگىدىن»دەيدىغان گەپ بار.«ئامېرىكىچە دىموكراتىيە» شوئارى « مۇكەممەل» لىك تۈزۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق سىياسەتپەرەسلەرنىڭ ئاممىغا تارقىتىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىغا سىياسەت يۈرگۈزىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل سىياسىي تۈزۈلمە مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ھوقۇقىنى كۆپتۈرۈشىنى تىزگىنلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ يۆلىنىشچانلىق خاتالىق ئۆتكۈزۈشىنى توسۇش جەھەتلىرىدە ئەۋزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق، ئاسانلا سىياسەتنىڭ قۇتۇبلىشىشى، ئىككى پارتىيەنىڭ تىركىشىشى، بىرى-بىرىگە جاۋابكارلىقنى ئارتىپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئۆتكەنكى 10يىلدا ئىككى پارتىيە مالىيە سىياسىتىنى ئالدىن ھېسابلاش مۇنازىرىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ « تاقىلىشى» دەك ماجرانى يەنە بىر قېتىم پەيدا قىلدى. بۇ مەيدان« تۈزۈلمە تەڭپۇڭلىقى» ئويۇنىدا، ئاخىرى زىيانغا ئۇچرايدىغىنى يەنىلا پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتى ھېسابلىنىدۇ.

« پۇل سىياسەتنىڭ ئانىسى» دېگەن بۇ سۆز غەرب ئەللىرى دىموكراتىك سىياسىيسىغا مېغىزلىق يىغىنچاقلاش قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئەدلىيە تارمىقى ئازغىنە مەبلەغنى قويۇۋىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، « دوكا سىياسەت» ۋە «پۇل سىياسەت»ىنى تېخىمۇ كۈچەيتگەن. « پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈنۈشتە ئىغۋاچىلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى سۆزىنى توسۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن بىلەنمۇ، سىياسەتنىڭ ئىئانە قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۈمىد بار بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى بىر قانچە نامزات لاتارىيە تىجارىتىدىكى مىليونىر شىردىن ئادسىېننى كۆرگىلى بارغان. ئادسېن ھۆكۈمەتنىڭ مەشغۇلاتتىكى لاتارىيە تىجارىتىنى تىزگىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ سىزىق ئاستىدىكى لاتارىيە شىركىتىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ نەچچە ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى تەييارلاپ، بۇ ئىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن كىشىلەرنى قوللاشقا ئىشلەتكەن. ئەگەر بىر كىشى ئۇنىڭ بايلىقىنى ئىشلىتىپ، مەلۇم پارتىيەنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىپ بېرەلىسە، ئۇ ھالدا ئۇ بۇ پارتىيەنى ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ. بۇ خىل« ئامېرىكىچە دېموكراتىيە» كۆرۈنۈشتە بىر ئادەم بىر بېلەت تاشلىغىنىدەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئىچكى قىسىمدا بىر ئامېرىكا دوللىرىغا بىر بېلەت تاشلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەڭ قورقۇنچلىقى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى %1 نوپۇس دۆلەتتىكى تەقسىملەنگەن بايلىقنىڭ 3/1 دىن ئارتۇقىنى ئىگىلەيدىكەن. ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پىرىنسىپى «%1 لىك دىموكراتىيە» گە ئايلىنىپ قالغان.

كېلىپ چىقىشى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، تىرىشقاندىلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىن ئىبارەت تىپىك « ئامېرىكا ئارزۇسى» پەقەتلا ئارزۇ پېتى ساقلىنىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، جەمەتىنىڭ كۈچى ۋە بايلىقنىڭ ۋارىسى بولۇش كۆپىنچە مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ھالقىلىق ئامىلى بولۇپ قالدى. ئەنگىليە مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى ئېدىۋارد رۇس ئامېرىكىدىكى مال-مۈلۈك ۋارىسلىرىنىڭ ئورنى كونا دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىنمۇ مۇقىم بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. مەسىلەن پېچەكگۈل ئۇنىۋېرستېتىدىكى مەكتەپداش قىز ئوغۇل پەرزەنتلەر بەلگىلەنگەن ئادەم سانىنى ساقلاپ، ئەجدادىغا ۋارىسلىق قىلىش تورىنى قۇرۇپ چىققان. 9 قېتىملىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، باشقا جەمەتتىن كەلگەن ئەزالار 7 قېتىم ئىزىنى قالدۇرغان. كېلەر قېتىملىق سايلام ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سانى بەلكىم 10 نىڭ ئىچىدە 8 ى بولۇشى مۇمكىن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيادا « ئامېرىكىچە دېموكراتىيە» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، مىسىر، ئىراق، ئافغانىستاندىن تاكى ئۇكرائىناغىچە، قىممەت قارىشىنى تارقىتىش، رەڭ ئىنقىلابى، قۇراللىق قوللاشقا بىللە چىققان. بىراق بۇ خىل « ئامېرىكىچە دىموكراتىيە» سېيرىلىشقا ئۇچرىدى. مىسىر ۋەزىيىتى داۋالغۇش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئافغانىستان ۋە ئىراق بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ئوخشاشلا ئېغىرلاشتى، ئۇكرائىنانىڭ جىددى ۋەزىيىتى يەنىمۇ كۈچەيدى.

زورلۇق بىلەن سېڭىپ كىرىۋاتقان « ئامېرىكىچە دېموكراتىيە» ئىقتىسادى قىيىنچىلىقنى يۆلەش رولىنى ئوينىماستىن، ئەكسىچە، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنى پاتقاققا تېخىمۇ پاتۇرماقتا. پاكىت شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، «ئامېرىكىچە دېموكراتىيە» «قۇتقۇزغۇچى» بولالمايدۇ. پەقەت شۇ دۆلەت ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يولنى تېپىپ، تەۋرەنمەي ماڭالىغاندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالايدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有