دۇنيا ۋەزىيىتى چاۋشىيەن يادرو سىنىقىنى كۆتەمەيدۇ

مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-19 12:00:49

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى :يېقىندىن بۇيان چاۋشىيەننىڭ 4-قېتىملىق يادرو سىنىقى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ كۈچلۈك دېققىتىنى تارىتتى .

چاۋشىيەن تۆۋەندىكى باسقۇچتا يېڭى يادرو سىنىقىنى ۋاقتىنچە باشلىيالمايدۇ .چاۋشىيەن دائىرلىرىنىڭ 4-قېتىملىق يادرو سىنىقى قىلىشى ئېھتىياجى بولسىمۇ ،خەلىقئارا جەمىيەت كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدۇ .جۇڭگو بىلەن خەلىقئارا جەمىيەت چاۋشىيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقى ،چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى .

جۇڭگو يەنە بوسوغىسى ئالدىدا «قالايمىقانچىلىق »بولۇشقا يول قويمايدىغانلىقىنى ،چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنىچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى بىلدۈردى .شۇڭلاشقا چاۋشىيەن دائىرلىرى يېڭى يادرو سىنىقى قىلىشنىڭ پايدا زىيىنىنى ئويلىشىدۇ ،ئەگەر يادرو سىنىقى قىلىنسا ،خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېمبارگو يۈرگىزىدىغانلىقىنى ئويلىشىدۇ .نۆچەتتە چاۋشىيەننىڭ ھەر جەھەتتىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ .كورىيە بىلەن چاۋشىيەن ھەمكارلاشقان سانائەت باغچا رايونى ئەسلىگە چۈشتى .چاۋشىيەن يەنە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى چاۋشىيەننىى ساياھەت قىلىشقا جەلىپ قىلىپ ،كىرىمنى ئاشۇرماقچى بولىۋاتىدۇ ،چاۋشىيەن يېڭى شەكىلدىكى يادرو سىنىقى قىلسا ،بۇ ياخشى ۋەزىيەتنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ ،چاۋشىيەن دېپلوماتىيەسى تېخىمۇ يېتىمىسىراپ ،ئىقتىسادىي ناچارلىشىدۇ ،چاۋشىيەن يادرو سىنىقىغا كېتىدىغان مەبلەغ ۋە تۆلىندىغان بەدەلنى ئويلىشىدۇ .

چاۋشىيەن خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ نەسىھەتى ۋە توسۇشىغا پىسەنىت قىلماي ،4-قېتىملىق يادرو سىنىقىنى مەجبۇرىي قىلسا چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىدىكى يېڭى بىر مەيدان كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ئامرىكا ،ياپونىيە ،كورىيە چاۋشىيەننىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگو ۋە ھەربىي جەھەتتىكى كۈچلۈك بېسىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ،كورىيەنىڭ يادرو- قورال يارىقىنى تەرەققىي قىللدۇرۇش تەلىپى تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ .يېقىندىن بۇيان ئوڭچىلىشىۋاتقان ياپونىيەمۇ چاۋشىيەن يادرو«تەھدىتى»نى بانا قىلىپ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرىشى مۇمكىن .ئوباما ھۆكۈمىتى ياپونىيە ،كورىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەسەللىي بېرىپ ،«يادرودىن قوللىنىش كۈنلۈكى »بىلەن تەمىنلەپ،ياپونىيە،كورىيەنىڭ يادرو قورالىنى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چەكلەشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ ،چاۋشىيەن يادرو سىنىقىنى مەجبۇرىي قىلسا ،ياپونىيە بىلەن كورىيەنىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ساداسىىنى ئۇلغايتىدۇ ،بۇنداق ۋەزىيەت يۈز بەرسە ،ئوباما ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن كورىيە ھۆكۈمىتىنى كونتىرول قىلمىقى تەسكە توختايدۇ .

نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا ،يالغۇز چاۋشىيەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قىيىنلاشتى .چوقۇم باشقا يول ۋە يېڭى چارىلەرنى تېپىپ چىقىشى كېرەك .چاۋشىيەن يادرو مەسىلىسى نۆۋەتتىكى پۈتكۈل چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ سوشۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىلىنىڭ بېشىدا ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ،چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قۇرۇلمىسى يەنىلا مەۋجۈت .

شۇڭلاشقا تەرەپلەر ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىش مەسىلىسىنى ئورتاق مۇزاكىرلىشىشى كېرەك .ئالدى بىلەن چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن قېلىپ قالغان قاتماللىق ئوڭشالسىلا ،چاۋشىيەن يادرو مەسىلىسىنى ئاستا –ئاستا ھەل قىلغىلى بولىدۇ .


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有