دارغا ئېسىلىپ ئۆلمەي قالغان قاتىل

مەنبە:

تەھرىر: akbarjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-17 18:18:41

ئىراندا ئادەم ئۆلتۈرگەن بىر قاتىلغا دارغا ئېسىش جازاسى بېرىلگەن . جازا ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن ، ئۇ قاتىل يەنىلا ئۆلمەي قالغان . ئۇ سوتچى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە - تاباۋاتلىرىدىن ئۆزىگە كەڭچىلىك قىلىشنى ، يەنە قايتا ئۈلۈم جازاسى بەرمەسلىكنى ئۆتۈنگەن ، بۇ ئىش ئىراندا تالاش - تارتىش چىقارغان .

قاتىل نىياز ئەلى ئۆزىنىڭ دارغا ئېسىلغان چاغدىكى ئەھۋالىنى ئەسلەپ : جازا ئىجرا قىلىنغاندىكى بىرىنچى سىكونت خۇددى بىر يىلدەك تۇيۇلدى ، پۇت - قوللىرىم تارتىشىپ ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى . مەن نەپەس ئالماقچى بولدۇم ، لېكىن ئۆپكەم خۇددى ئوراپ قويغان سۇلياۋدەك بولۇپ قالغاچقا ، نەپەس ئېلىشقا ئامالسىز قالدىم دېدى

ئۇنىڭغا جازا ئىجرا قىلىنغان ۋاقىت 20 مىنۇت بولۇپ ، جازا ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدار ئۇنى ئۆلدى دەپ قارىغاندىن كېيىن ، ئاندىن ئۇنىڭ جەسىتى داردىن چۈشۈرۈلگەن . بىراق ، بىر ئازدىن كېيىن ، ئۇ يەنە تىرىلىپ ، مەيداندىكى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان .

دارغا ئېسىلىپ ئۆلمەي قالسا يەنە قايتىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش كېرەكمۇ ؟ ئىراننىڭ قانۇنىدا ، ئەگەر قايتا ئۈلۈم جازاسى بېرىش توغرا كەلسە ، چوقۇم قاتتىق قانۇن تەرتىپلىرىدىن ئۆتكۈزۈش يەنى باشقىدىن كېسىم چىقىرىش كېرەككەن . ئۇ دارغا ئېسىلىپ ، يەنە داردىن چۈشۈرۈلگەن ئىكەن ، دېمەك ئۇنىڭغا ئۈلۈم جازاسى بېرىش تەرتىپى ئورۇندىلىپ بولغان ، شۇڭا ، بۇ تەرتىپنى قايتا تەكرارلاشقا بولمايدىكەن .

قايتا تىرىگەن نىياز ئەلى : قاتىللىق ئۈچۈن خۇن تۆلەش ، بۇ ھەق ئىش . بىراق ، مەن بىر قېتىم دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلۈپ ، جىنايىتىمنى يۈيۈپ ، قانۇنى جاۋاپكارلىقىمنى ئادا قىلدىم . شۇڭلاشقا ، مەن كەڭچىلىك ۋە كەچۈرۈم قىلىنىشنى ، يەنە ئىككىنچى قېتىم دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش جازاسىنى بىكار قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمەن _ دېدى


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىلىرى كۆپەيمەكتە

    ئىران ھەربىي تەرەپنىڭ ئاشىكارلىشىچە، ئىران ھۆكۈمىتى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىغا نۇرغۇن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىسى قۇرۇپ بولغان.

  • سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن ئەپلىشىشكە تەييارلىنىپ قويدى

    سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دېپلوماتىيە ۋەزىرى فايسالنىڭ 14- ماي ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويغان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دېپلوماتىيە ۋەزىرى فايس...

  • ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش تەسكە توختىدى

    ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى، بىراق سۆھبەتتە ئىلگىرلەشلەر بولماستىن، سۆھبەتكە قاتناشقان تەرەپلەر بىر بىرنى ئەيىبلەشكە باشلىدى

  • ئېراننىڭ مانېۋېرلىرى كۆپىيىپ قالدى

    ئېران قوراللىق قىسمى يېقىندا پارىس قولتۇقىدىكى ھاۋا مۇداپىيە رايونىدا چوڭ كۆلەملىك ھاۋا مۇداپىيە مانېۋېرى ئۆتكۈزۈپ ئۇرۇش تەييارلىقى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ مەزكۈر دۆلەتنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ھەمدە ئاراللىرىدىن ئۆتكەن دۈشمەن تەرەپنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئا...

  • ئىران زۇڭتۇڭى تۇنجى قېتىم تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى

    فىرانسىيە ئاگېنىتلىقىنىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن رۇھانى 9-ئىيۇن ئىككى كۈنلۈك تۈركىيە زىيارىتىنى باشلىغان ،بۇ ئىران زۇڭتۇڭىنىڭ 18يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى ھېساپلىنىدىكەن ھەسەن رۇھانى تارات...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有