سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن ئەپلىشىشكە تەييارلىنىپ قويدى

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر: kamran

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-15 10:55:06

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دېپلوماتىيە ۋەزىرى فايسالنىڭ 14- ماي ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويغان.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دېپلوماتىيە ۋەزىرى فايسال رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات

ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئىران سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قوشنىسى، بىز ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىشنى خالايمىز. بىز ئىراننىڭ دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى مۇقىمسىز ئامىل ئەمەس، بەلكى بىخەتەر ۋە گۈللەنگەن مۇھىم كۈچكە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەن ئىراننىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى زارىفقا تەكلىپنامە ئەۋەتتىم، ئۇنىڭ ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ھەر قانداق ۋاقىتتا سەئۇدى ئەرەبىستانىنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمەن.»

ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئىي مەزھىپىدىكى چوڭ دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن شىئە مەزھىپىدىكى چوڭ دۆلەت ئىران ئىزچىل تۈردە لىۋان، بەھرەيىن، يەمەن، ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى قارشى تەرەپلەرنى قوللاش تۈپەيلىدىن مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ قالغانىدى، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ يادرو پىلانىدىن ئەندىشە قىلىپ يۈرمەكتە. ئەمما بۇلتۇر 8- ئايدا بىر قەدەر مۆتىدىل پوزىتسىيەگە ئىگە روھانى ئىراننىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغاندىن بۇيان، ئىران دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىگە قارىتا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئىستىكىنى نامايان قىلدى. ئىراننىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى زارىف ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۇۋەيت، قاتار، ئوممان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلدى، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانىنى زىيارەت قىلمىدى. بۇلتۇر 12- ئايدا، زارىف سەئۇدى ئەرەبىستانىنى زىيارەت قىلىپ، دېڭىز قولتۇقى رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有