ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىلىرى كۆپەيمەكتە

مەنبە: خەلق تورى

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-11 14:46:35

ئىران ھەربىي تەرەپنىڭ ئاشىكارلىشىچە، ئىران ھۆكۈمىتى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىغا نۇرغۇن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىسى قۇرۇپ بولغان. ئىران ھۆكۈمىتى بۇئارقىلىق ھورمۇز بوغۇزى ۋە پارس قولتۇقىنىڭ شىمالىي قىسمىدا قەرەرلىك ھالدا ھاۋادىن چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن.

ئىران فارس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئىنقىلابىي قوشۇنىنىڭ باش ئەمەلدارى ئەلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ئىران ھازىر ھورمۇز بوغۇزىنىڭ شەرقىي، غەربىي ۋە شىمالىي قىسىملىرىغا نۇرغۇن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىسى قۇرۇپ بولغان بولۇپ ئىران ھۆكۈمىتى بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق قەرەللىك ھالدا ھورمۇز بوغۇزى ۋە پارس قولتۇقىنىڭ شىمالىي قىسمىدا چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى، ئىنقىلابىي قوشۇننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ھاۋا ئارمىيىسىدىن مۇستەقىل ھالەتتە بولۇپ بىۋاستە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىدا بولىدىكەن. دېڭىز ئارمىيىسى ھەر خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئارقىلىق چارلاش، رازۋېدكا قىلىش ۋە باشقا جەڭ ۋەزىپىلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىدىكى بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلاردا يەنە باشقۇرىلىدىغان بومبا قۇرۇلمىسىمۇ ئورنىتىلغان بولۇپ قىرغاقتىكى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىي نىشانلارغا ھۇجۇم قىلالايدىكەن. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ بۇ خىل «ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش» خاراكتىرىدىكى ھەرىكىتىگە قارىتا ئەلى مۇنداق دېدى، شۇ ۋاقتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى باشقۇرىلىدىغان بومبا ئورنىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

فارس ئاگېنتلىقى ئەلىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق دېدى، نۆۋەتتە بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا سەپلەنگەن باشقۇرىلىدىغان بومبا قۇرۇلمىسىنى ئىران ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ ئىران ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەربىي بازىلىرىدىمۇ بۇ خىل باشقۇرىلىدىغان بومبا قۇرۇلمىسى باركەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىران ھەربىي قىسمىنىڭ جەڭ پاراخوتلىرى، تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ۋە دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەربىي بازىلىرىدا باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى لايىھەلەنگەن ھەربىي سىستېمىلىرى باركەن.

ئەلى ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېگەن، بىز ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىلارنىمۇ بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا ئورنىتىمىز، نۆۋەتتە بىز بۇ تۈر بويىچە سىناق ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن ئەپلىشىشكە تەييارلىنىپ قويدى

    سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دېپلوماتىيە ۋەزىرى فايسالنىڭ 14- ماي ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويغان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دېپلوماتىيە ۋەزىرى فايس...

  • دارغا ئېسىلىپ ئۆلمەي قالغان قاتىل

    جازا ئىجرا قىلىنغاندىكى بىرىنچى سىكونت خۇددى بىر يىلدەك تۇيۇلدى ، پۇت - قوللىرىم تارتىشىپ ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى مەن نەپەس ئالماقچى بولدۇم ، لېكىن ئۆپكەم خۇددى ئوراپ قويغان سۇلياۋدەك بولۇپ قالغاچقا ، نەپەس ئېلىشقا ئامالسىز قالدىم

  • ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش تەسكە توختىدى

    ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى، بىراق سۆھبەتتە ئىلگىرلەشلەر بولماستىن، سۆھبەتكە قاتناشقان تەرەپلەر بىر بىرنى ئەيىبلەشكە باشلىدى

  • ئېراننىڭ مانېۋېرلىرى كۆپىيىپ قالدى

    ئېران قوراللىق قىسمى يېقىندا پارىس قولتۇقىدىكى ھاۋا مۇداپىيە رايونىدا چوڭ كۆلەملىك ھاۋا مۇداپىيە مانېۋېرى ئۆتكۈزۈپ ئۇرۇش تەييارلىقى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ مەزكۈر دۆلەتنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ھەمدە ئاراللىرىدىن ئۆتكەن دۈشمەن تەرەپنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئا...

  • ئىران زۇڭتۇڭى تۇنجى قېتىم تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى

    فىرانسىيە ئاگېنىتلىقىنىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن رۇھانى 9-ئىيۇن ئىككى كۈنلۈك تۈركىيە زىيارىتىنى باشلىغان ،بۇ ئىران زۇڭتۇڭىنىڭ 18يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى ھېساپلىنىدىكەن ھەسەن رۇھانى تارات...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有