گوللاندىيە يەتتە توننا كوكائىننى قولغا چۈشۈردى

مەنبە:

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-04-12 13:38:45

يېقىندا، كولۇمبىيە دائىرىلىرى كارىب دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى بىر پورت شەھىرىدىن گوللاندىيەگە توشۇلماقچى بولغان يەتتە توننا كوكائىننى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ،جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى يېقىندىن بۇيان قولغا چۈشۈرگەن ئەڭ كۆپ بىر تۈركۈم زەھەر ھېسابلىنىدۇ.

بۇ تۈركۈم زەھەر 7000 كىچىكخالتىغا قاچىلانغان بولۇپ، ئورالمىلارنىڭ ئۈستىگە Yamaha، KIA دېگەندەك بىر قىسىم تاۋار ماركىلىرى بېسىلغان ۋە ئاناناس كونسېرۋالىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، گوللاندىيەگەبارىدىغان بىر پاراخوتقا يوشۇرۇپ قويۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈركۈم زەھەرنىڭ قاراڭغۇ بازاردىكى باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 250 مىليونئامېرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 1 مىليارد 550 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر)غا يېتىدىكەن..

بۇ كولۇمبىيەنىڭ 2005-يىلى تىنچ ئوكيان دېڭىز قىرغىقىدا 15 توننا زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن پاش قىلغان ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسى. كولۇمبىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زەھەر ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 25 توننا زەھەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有