ئۇكرائىنا ۋەقەسى ئارقىلىق دۇنيا پۇتىن بىلەن ئوباماغا قانداق قارىدى؟

مەنبە:

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-04-11 10:49:34

ئالدىنقى ھەپتە ۋال كوچىسى گېزىتى تورىدىكى تىلغا ئېلىنغا ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى سىناشتىن قارىغاندا، پۇتىن 2012-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى قوللاش نىسبىتىگە ئېرىشكەن، ئەمما ئوبامانىڭ قوللاش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن.

ئالدىنقى ھەپتە يەكشەنبە كۈنى قىرىمدا ئومۇم خەلق بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، %90 تىن ئارتۇق خەلق رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قوشۇلۇشنى قوللىغان. بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدىن كېيىن ئوباما بىلەن پۇتىن بىر قېتىم تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن، ئوباما: قىرىمنىڭ ئومۇم خەلق بېلەت تاشلىشى ئۇكرائىنانىڭ ئاساس قانۇنىغا خىلاپ، مەڭگۈ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرگە رۇسىيەگە چەكلەش تەدبىرى قوللىنىدۇ، دېگەن.

بۇ گەپلەرگە كىشىلەر بەلكىم كۆنۈپ كەتكەن بولسا كېرەك، 1-مارت رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئارمىيە ئەۋەتىشنى قارار قىلغاندىن كىيىن ئوباما بىلەن پۇتىن ئىككى قېتىم تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن، ھەر قېتىملىق مەزمۇندا ئەيىبلەش ۋە تەھدىتتىن باشقىسى ئۆزگەرمىگەن، ھەممىسىدە كونكرېت چەكلەش تەدبىر تىلغا ئېلىنمىغان. بۇندىن سىرت، پۇتىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغان.

بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىتا، پۇتىن قىرىمنىڭ ئومۇم خەلق بېلەت تاشلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە «ب د ت نىزامنامىسى» دىكى بەلگىلىمىگە ماس كېلىدۇ دەپ تەكىتلىگەن ھەم رۇسىيە قىرىم خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنىڭ ئىلگىرىكى پوزىتسىيەسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەتە رۇسىيەگە قارىتا چەكلەش چارىسى قارارىنى چىقارماقچى بولغان.

نۆۋەتتە كۆپلىگەن كىشىلەر قىرىمنىڭ ئۇكرائىنانى رەت قىلىشىنى مۆلچەرلىمەكتە، ئەمما ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان خەلقئارا كۈچلەرنىڭ ئومۇم خەلق بېلەت تاشلاشنىڭ قانۇنلۇقلىقىغا گۇمانىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرىم ئاللىقاچان ئۇكرائىنانىڭ بىر ئاپتونوم رېسپۇبىلىكىسى، ئەمما بېلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسى نەزەرىيە جەھەتتىن بۇ رايوننىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ رايوننىڭ مۇستەقىللىقى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

قىرىم جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەب رۇسىيە ئۈچۈن شۇنداق مۇھىم.

ئوباما تاشقى دىپلوماتىيە سىياسىتى ئارقىلىق ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە رۇسىيە قىرىمدىن چىكەتمىسە، يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. رۇسىيەنىڭ تاشقى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى: ئامېرىكا قوللىغان قىرىمنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قوشۇلۇش ئومۇم خەلق بېلەت تاشلاشنى رەت قىلىشىنى ب د ت نىڭ قارار لايىھەسى بويىنچە قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دېگەن .

پۇتىن ب د ت كاتىپى بانكىمونغا قىرىمنىڭ ئومۇم خەلق بېلەت تاشلاش قارارى قانۇنلۇق، بۇ ئومۇم خەلق بېلەت تاشلاشنى قايسى ۋاقىت ئۆتكۈزسە بولىۋېرىدۇ دېگەن . ناتو قىرىمنىڭ ئومۇم خەلق بېلەت تاشلىشى ئۇكرائىنانىڭ ئاساس قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ دېگەن .

ئامېرىكا قىرىمنىڭ ئومۇم خەلق بېلەت تاشلىشىدىن كىيىن تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرغان.

بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدىن كېيىن قانداق بۆلىنىش پەيدا بولىدۇ؟

بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدىن كىيىن ئىرقىي بۆلۈنۈش بولىشى مۇمكىن، كۆپلىگەن كىشىلەر رۇس تىلى ئىشلىتىدۇ، 4\1 قىسىم كىشىلەر ئۇكرائىنا تىلى ئىشلىتىدۇ، ئوخشاشلا ئاز ساندىكى كىشىلەر قىرىم تاتار تىلى ئىشلىتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن نەتىجىدە ئىككى تەرەپتە تىركىشىش پەيدا بولىشى مۇمكىن.

رۇسىيە قانداق ھەرىكەت قوللىنىدۇ؟

ئۇكرائىنانىڭ دونەستىك رايونى رۇسىيە ئۇكرائىنا جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ كېيىنكى قىزىق نۇقتىسى بولىشى مۇمكىن. بۇ رايوندا يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان رۇسىيە پەرەسلەر ۋە ئۇكرائىنا پەرەسلەر توقۇنۇشقان.

بازاردا قانداق تەسىر بولىدۇ؟

ناۋادا بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە قىرىم ئۇكرائىنادىن ئايرىلسا، بايلىق خەتەرلىك مەبلەغتىن ئايرىلىپ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. بۇ ئومۇم خەلق بېلەت تاشلاش كېيىنكى رۇسىيەنىڭ قوراللىق ئىگىلىۋېلىشى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارىتا ئىقتىسادى چەكلىشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، رۇسىيەنىڭ ئاكسىيە بازىرى ۋە رۇبلى بارغانسېرى چۈشۈپ كەتمەكتە. سىتاندارت بانكىسىنىڭ يېڭى گۈللەنگەن بازارلارنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ باشقۇرغۇچىسى تىموتىي ئاش بايلىق ھازىر ئاللىقاچان ئەڭ خەتەرلىك پەيتلىرىگە يېتىپ كەلدى دېگەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有