ئوباما كەسكىن ۋەزىيەتتە ساياھەتكە چىقتى

مەنبە:

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-15 17:12:10

چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نەچچە كۈن ئىلگىركى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى داۋاملىق كەسكىنلىشىۋاتقاندا ،ئامرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بېدىن يېقىندا دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،چەت ئەل جامائەت پىكىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان .تەھلىلچىلەر:«ئوباما بىلەن بېدىننىڭ دەم ئالماقچى بولغانلىقىدىن ئاخساراينىڭ ئۇكرائىنادىكى تالاش –تارتىشنى ھازىرلاتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ،دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ»دېيىشكەن .

خەۋەرگە قارىغاندا ،ئوباما ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ئامرىكا فىلورىدا تاقىم ئارىلىغا بارغان ،بۇ ئوبامانىڭ بۇيىل كىرگەندىن بۇيان 3-قېتىم دەم ئېلىشقا چىقىشى ئىدى.

ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىۋاتقاندا ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغان .

مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بېدىن ئۆتكەن ھەپتە ۋېرگىن تاقىم ئارىلىغادەم ئېلىشقا بارغان ،رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ قىرىم ۋەزىيىتىگە ئارلاشقاندىن كېيىن ،ئاقساراي ئۇكرائىنانىڭ ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭى ياسىنيۇكنى كۈتۈۋېلىشقا ،مۇھىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈۋېتىپتۇ.

نيۇيورك ئۇنۋېرسىتىدىكى پېروفاىسۇر پائۇل رايىت :«ئوباما ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ،ۋاشىنگېتوندىن ئايرىلماسلىقى كېرەك ئىدى.ئوكرائىنا ۋەزىيىتىدە داۋاملىق ئۆزگىرىش بولىۋاتقاندا فىلورىداغا دەم ئېلىشقا بارسا ،ئوباما ئۇكرائىنا مەسلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن دېگەن تەسىرات بېرىپ قويۇدۇ»دېگەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有